رۇسىيە: ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا ياردەمنى باھانە قىلىپ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنىڭ كويىدا

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ياردەم پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

1145489
رۇسىيە: ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا ياردەمنى باھانە قىلىپ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنىڭ كويىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قىلغان ئىنسانىي ياردەملىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىنسانىي ياردەم دېگەن نام ئاستىدا دۆلەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنىڭ كويىدا. بۇنىڭغا ئوخشاش سېنارىيەلەر باشقا دۆلەتلەردىمۇ بولدى. بۇ بىر قۇتراتقۇلۇقتۇر» دېدى.

مارىيا زاخاۋروۋا پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنى ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە ئۆزىنى قوللاشقا قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى دېموكراتىك ئۆلچەملەرگىمۇ رىئايە قىلمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتچى زاخاروۋا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل كىرىس ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى ئىنسانىي ياردەملەر مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، رۇسىيەنىڭ، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن قىلىنىشى كېرەكلىكى پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر