پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزىگە بېرىلگەن ھەدىيەلەرنى دۆلەتكە تاپشۇردى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆزىگە ھەدىيە قىلىنغان 6 مىليون 300 مىڭ رۇپىيەلىك ھەدىيە بويۇملىرىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى.

1144563
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزىگە بېرىلگەن ھەدىيەلەرنى دۆلەتكە تاپشۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ «Dawn News» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مىنىستىرلىق ھۆججەتلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشىگە 19سىنتەبىر كۈنى بېرىلگەن ھەدىيەلەرنىڭ 9ۋە 10 - دېكابىردا دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەدىيەلەرنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇۇرلغانلىقىغا دائىر ھۆججەتتە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەدىيەلەرنىڭ سېتىش كىرىمىغا ئالاقىدار قائىدە پىرىنسىپلىرىغا بىنائەن دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ بېرېلىشى تەلەپ قىلىندى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھۆججەتتتە يەنە، مىنىستىرغا بېرىلگەن ھەرىيەلەر ئارىسىدا سائەت، تاش كۆزلۈك ئالتۇن قەلەم، گىلاپكا، تاش كۆزلۈك تەسىبىھ ۋە ئاتۇن ئۈزۈك قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر