ۋېنېزۇئېلا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سوغۇقچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.

1143009
ۋېنېزۇئېلا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا
maduro tatbikat2.jpg
maduro tatbikat1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 5 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ ۋاقتى، لاتىن ئامېرىكىدا ئىسپانىيە دائىرىلىرىگە قارشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان سىمون بولىۋارنىڭ ئاگوستۇرا نۇتقىنىڭ 200 – يىلىغا توغرا كەلتۈرۈلدى.

مانېۋىر مۇناسىۋىتى بىلەن مىراندا ئۆلكىسىدىكى گۇاكارىپۇرو ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مۇراسىمىغا پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇرو ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىلادىمىر پادرىنو لوپېز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

بۇ يەردە ھەربىيلەرگە خىتاب قىلغان نېكولاس مادۇرو، سىمون بولىۋارنىڭ مەزكۇر نۇتقىدا مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مانا قوراللىق كۈچلەر بۇ يەردە، 200 يىلدىن بۇيان ئىستىقبالى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ كەلگەن بىر ۋەتەننىڭ ئار – نومۇسى ۋە ئىززىتىنى قوغداۋاتقان كىشىلەر بۇ يەردە. (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى) دونالد ترامپمۇ سىرتقا چىقسۇن، تەھدىتلىرىمۇ چىقسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇداخىلە تەھدىتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە باشلىنىپ 15 – فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان مانېۋىردا، ئارمىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت تەييارلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققۇسى خەلق كۈچلىرى بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ سىناق قىلىنىشى مەقسەت قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر