تايلاند مەلىكىسى باش مىنىستىرلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندۈرۈلدى

تايلاند مەلىكىسى ئۇبولراتانانى باش مىنىستىر نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن پارتىيە، پادىشاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن بۇ قاراردىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1142256
تايلاند مەلىكىسى باش مىنىستىرلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلىكە ئۇبولراتانانى باش مىنىستىر نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن تايلاند راكسا چارت پارتىيەسى، پادىشاھنىڭ مەلىكىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتلىقىنى توڭلىتىپ قويۇش قارارىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، «پارتىيەمىز، پادىشاھنىڭ ۋە بارلىق خان جەمەتى ئائىلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ساداقەتمەنلىك بىلەن رىئايە قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تايلاند پادىشاھى ۋاجىرالوڭكورننىڭ ئاچىسى 67 ياشلىق مەلىكە ئۇبولراتانانىڭ باش مىنىستىر نامزاتى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئارقىدىن خان سارىيى بايانات بېرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سىياسەتكە كىرىشىنىڭ ئەنئەنىلەرگە ۋە مىللىي كۈلتۈرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ «ئىنتايىن ئورۇنسىز» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

مەلىكە ئۇبولراتانا پادىشاھ بايانات بېرىپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، نامزاتلىقىنى قوللىغان خەلقكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، «تايلاندنىڭ گۈللىنىشىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە ھەيران قالىدىغان بىر دۆلەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

تايلاندتا 2014 – يىلىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر