سۇداندا ب د ت نىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچارى چۈشۈپ كەتتى
سۇداننىڭ ئابيې شەھىرىدە ب د ت مۇۋەققەت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئېفىيوپىيەنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ ئابيې شەھىرىدە ب د ت مۇۋەققەت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئېفىيوپىيەنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 3 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى، 3 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 10 كىشى يارىلاندى.
سۇدان – جەنۇبىي سۇدان چېگراسىدىكى دەتالاشلىق ئابيې رايونىدىكى ب د ت نىڭ مۇۋەققەت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى بايانات بېرىپ، ئېفىيوپىيەنىڭ 23 ئەسكىرى ئولتۇرغان Mİ-8 تىپلىق بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قارارگاھىدا چۈشۈپ كېتىپ، 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۈچىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.
ئېفىيوپىيەنىڭ 4500 ئەسكىرى ب د ت نىڭ مۇۋەققەت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان، مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە ئابيې رايونىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ.