ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپا ئەللىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 11 – 15 – ئاپرېل كۈنلىرى ۋېنگىرىيە، سىلوۋاكىيە، پولشا، بېلگىيە ۋە  ئىسلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1141495
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپا ئەللىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى روبېرت پاللادىنۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، پومپېيو 11 – ئاپرېل كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى  بۇداپېشتقا يېتىپ بېرىپ، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

12 – ئاپرېل كۈنى سىلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى بىراتسىلاۋاغا بېرىپ، بۇ يەردە سىلوۋاكلىيە پىرېزىدېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن سىياسىي مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. شۇ كۈنى ۋارشاۋاغا ئۆتۈپ،  بۇ يەردە پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن. كېيىنچە بىريۇسسېلغا بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى بىلەن ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. بىريۇسسېل زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختى رېيكياۋىكقا ئۆتىدىكەن، 15 – ئاپرېل كۈنى ياۋروپا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قايتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر