گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز

گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوئۇپولىس تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1139984
گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاۋلوئۇپولىس كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېب زىيارىتى دائىرىسىدە كىرودىيە پىرېزىدېنتى كوىندا گرابار كىتاروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، گىرېتسىيە – كىرودىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش سىياسىتى، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك مەسىلىسى ۋە گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە، ماكېدونىيە ۋە ئالبانىيە قاتارلىق قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

پاۋلوئۇپولىس ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بالقان رايونىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي  ياۋروپادىكى قىسمى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى كېڭىيىش سىياسىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ تېگىشلىك شەرتلەرنى ئورۇندىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، دەرۋەقە، چىپراسنىڭ تۈركىيە زىيارىتىمۇ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر