فىلىپپىندا بىر چېركاۋ بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

فىلىپپىننىڭ غەربىدىكى بىر كاتولىك چېركاۋىدا ئىككى ئايرىم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 20 ئادەم ئۆلدى، 81 ئادەم يارىلاندى.

1133879
فىلىپپىندا بىر چېركاۋ بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باش مۇدىرى ئوسكار ئالبايالدې، جولو رايونىدىكى بىر كاتولىك چېركاۋىدا ئىككى ئايرىم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۇجۇمدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 81 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى دېلفىن لورېنزانا، ھۇجۇمدىن كېيىن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يارىدارلارنى ئەڭ يېقىن جايدىكى دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر