ۋېنېزۇئېلادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغان ئەسكەرلەر نازارەتكە ئېلىندى

ئالاقىدار مەسئۇللار 25 ئەسكەرنىڭ دۆلەتلىك مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتىدا، قالغان 2 ئەسكەرنىڭ باشقا باشقا جايلاردىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1130682
ۋېنېزۇئېلادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغان ئەسكەرلەر نازارەتكە ئېلىندى
venezuela yuksek mahkeme.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا قۇرغۇچى پارلامېنت باشلىقى ۋە ھاكىمىيەتتىكى ۋېنېزۇئېلا بىرلەشمە سوتسىيالىستىك پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى دىئوسدادو كابېللو دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىگە قارشى قورغىلاڭ چىقىرىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان دۆلەتلىك مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىدىن 27 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

دىئوسدادو كابېللو دۆلەتلىك مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىغا قاراشلىق 27 ئەسكەرنىڭ تارقاتقان ۋىدېئولىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلادا ھەربىي فورمىلىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىر تۈرۈكۈم ۋىدېئولارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەرنىڭ نامايىش ئۈچۈن كوچىلارغا چىققانلىقى ۋە ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ۋىدېئودا ھەربىي فورمىلىق ۋە قوراللىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۆزىنى ھەربىي ئوفېتسىر فىگۇئېرو دەپ تونۇتقان بىرسى ۋېنېزۇئېلا خەلقى ۋە ئەسكەرلىرىگە قوزغىلاڭنى قوللاپ، كوچىلارغا چىقىش چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.

ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلنغان باياناتتا بولسا، قورال ئوغرىلىغان ۋە ھەربىي ئوفېتسىرلەرنى تۇتۇپ كەتكەن دۆلەتلىك مۇھازەتچىلەر قىسمىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتلىك ئالىي سوت ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئۆكتىچىلەردىن تەركىپ تاپقان دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ۋە دۆلەت رەئىسى مادۇرونىڭ رەئىسلىكىنى قانۇنسىز ھېسابلىغان باياناتلارنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىگە دائرى ھۆكۈمنامە ئېلان قىلدى.

سودىيەلەر دۆلەتلىك مەجلىسنىڭ بۇ ئاي يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلكىگە دائىرمۇ ھۆكۈم چىقاردى.

ئالى سوت سودىيەلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋېنېزۇئېلا باش مۇپەتتىشىنىڭ دۆلەتلىك مەجلىس رەھبەرلىكىنىڭ ئۇچۇق ھالدا ئاساسىي قانۇنغا قارشى چىقىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى جۇئان گۇئادو 5يانۋاردا دۆلەتلىك مەجلىسنىڭ باشلىقى بولۇپ قەسەم بەرگەن ۋە مادورۇنى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقئارادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ۋېنېزۇئېلانىڭ مال مۈلكىنى توڭلىتىشقا چاقىرىق قىلىدىغان بەلگىلىمەرلەنى چىقىرىش ئۈچۈن چاقىرىق قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر