پېنس: «ترامپ كىم جوڭئۇنغا يادرو مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەم تاشلاش ئۈچۈن بېسىم قىلىدۇ»

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كىم جوڭئۇنغا يادرو مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەم تاشلاش ئۈچۈن بېسىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1129847
پېنس: «ترامپ كىم جوڭئۇنغا  يادرو مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەم تاشلاش ئۈچۈن بېسىم قىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ «كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىدە كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىشلەش»تېمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

پېنس، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇنغا كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا بېسىم  قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن ئىجابىي نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ھۆرمەتلىك ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن دىيالوگ تولىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى، پىرېزىدېنتىمىز بۇ ئىشتا كونكرېت نەتىجە ۋە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىشلەرنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.»

شىمالىي كورېيە مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەلىك ئەمەلدارلار قويۇق ھالدا دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا، بىلدۈرۈلۈشىچە،  پات يېقىندا خەلقئارا مۇتەخەسىسلەرمۇ ئىشتراك قىلىدىغان شىۋېتسىيەدە چاقىرىلىدىغان بىر يىغىنغا شىمالىي كورېيەلىك ئەمەلدارلارمۇ قاتنىشىدىكەن.

ياپونىيە دىپلوماتلىرىنىڭمۇ شىۋېتسىيەدە ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە مۇزاكىرىلىرىگە مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى سىتېۋ بىيۇگۇن بىلەنمۇ كۆرۈشۈشنى پىلانلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كىيۇڭ ۋا، ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە سۆھبەتلىرى توغرۇلۇق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ مۇشۇ يىل 2-ئايدا كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى.

ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن تۇنجى قېتىم بۇلتۇر 12-دېكابىردا سىنگاپوردا كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى پىرېزىدېنت شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر