چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېيو ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1124490
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېيو ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېيونىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ ئۇ باياناتىدا، پومپېيو بىلەن چاۋۇشئوغلۇنىڭ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ھالدا چېكىنىشىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پاللادىنو باياناتىدا، «مىنىستىر پومپېيو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ھەم ئامېرىكا ھەم دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەر سېپىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى خەۋپسىزلىك ئەندىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى تەكرارلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر