ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى يەمەن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە يەمەندىكى تەرەپلەرنى يەنە بىر بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1119005
ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى  يەمەن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىلىرىدىن فارھان ھاق كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گرىفىسنىڭ يەمەن پايتەختى سانئادا ھۇسىيلار ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى گوللاندىيەلىك گېنېرال پاترىك كاممائېرت بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن رىيادقا بېرىپ يەمەن پىرېزىدېنتى ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادى ۋە باشقا مەسئۇل كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت ھۇسىيلار بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 2018-يىل 6-دېكابىر باشلىنىپ، 13-دېكابىر پورت شەھىرى ھۇدەيدە ۋە ئەتراپىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاي ئىچىدە تەرەپلەرنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا.

دىپلوماتلار بۇ قېتىم مۇزاكىرەلەرنىڭ كۈۋەيتتە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ب د ت غا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىي كىرىزىسلاردىن بىرى يۈز بەرگەن يەمەندە، نوپۇسنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان 14 مىليون كىشى ئاچارچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن. يەمەندە 22 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ۋە قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

پورت شەھىرى بولغان ھۇدەيدە، يەمەنگە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەخمىنەن %90ى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ %80 نىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇشى نۇقتىسىدىن، يەمەن خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرگەن يەمەندە، ھۇسىيلار 2014-يىلدىن تارتىپ پايتەخت سانئا بىلەن بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر