ئىراق ۋە ئىيوردانىيە باش مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى بىلەن ئىيوردانىيە باش مىنىستىرى ئۆمەر ئەر رەززاق ۋەكۆرۈشتى.

1115999
ئىراق ۋە ئىيوردانىيە باش مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى ئىيوردانىيە باش مىنىستىرى ئۆمەر ئەر رەززاق ۋە ھەمراھلىقىدىكى مىنىستىرلار كېڭىشى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى.

پايتەخت باغدادتىكى باش مىنىستىرلىق سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئىشىتراك قىلغان ئابدۇلمەھدى بىلەن رەززاق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئىيوردانىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراق خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن تولىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئابدۇلمەھدى: خەلقىمىزنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ۋە نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىراق بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىمىز، دېدى.

كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، مۇقىملىق ۋە كۈچلۈك ئىقتىساد تۈرتكىسىدە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان باش مىنىستىر ئابدۇلھەمدى يەنە مۇنداق دېدى:"ئىيوردانىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇداپىئە ۋە ئارمىيەمىزنى قوللاش قاتارلىق بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللاپ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز."

ئىيوردانىيە باش مىنىستىرى رەززاقمۇ ئىيوردانىيە پادىشاھ 2-ئابدۇللاھنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر قايسى ساھەلەردە كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن ئابدۇلمەھدىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئومۇمىي سوممىسىنى ئاشۇرۇش، ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بەزى مەسىلىلەردە ئالدىن كېلىشىم تۈزۈش قاتارلىقلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر