سومالى ئارمىيەسى نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان جىلىب شەھىرىگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1116169
سومالى ئارمىيەسى نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان جىلىب شەھىرىگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، 30 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

دۆلەتلىك تاراتقۇ ئورگىنىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، سومالى ئارمىيەسىگە قاراشلىق داناب ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرا جۇببا رايونىنىڭ جىلىب شەھىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەببابنىڭ بازىسىغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەربىي ھەرىكەتتە 4 تېررورچى كاتتىبېشى بولۇپ جەمئىي 30 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.


خەتكۈچ: #ئەش شەباب

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر