ئىراقتا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراقنىڭ تۈركمەنلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق تەلئەفەر ناھىيەسى مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1113326
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل ۋىلايەتلىك مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرەتتىن قاپلان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تەلئەفەر ناھىيەسى مەركىزىدە بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى. پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇماتىمىز يوق، يارىدارلار ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ نىشانى ناھىيەنىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىنى بۇزۇشتۇر.»