لىۋىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1113309
لىۋىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق خەۋەپسىزلىكنى قوغداش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشخانىسىمۇ جايلاشقان مەركىزىي بىنا ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان، ھۇجۇمدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسلامىي ئىدارە بۆلۈمى مۇدىرى ئىبراھىم ئەش شاشى بىلەن تېگى ماراكەشلىك بىر تازىلىق خادىمى ھاياتىدىن ئايرىغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان قوراللىق بىر گۇرۇپپا كىىشلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىغا ئۈسسۈپ كىرىپ، ئەتراپقا ئوق ئاچقان. ئاندىن بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان. 

ھۇجۇم يۈز بەرگەن پەيتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەت تاھىر سەييالەنىڭ بىنادا ئەمەسلىكى، دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت كېڭىشى باشلىقى فايىز ئەس سەراج بىلەن بىرگە لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى زاۋىيە شەھىرىگە زىيارەتكە كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر