ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «گۇمانلىق» سۈرىيەلىكلەرنى ئوققا تۇتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى گولان تۆپىلىكىگە سۈرىيە تەرەپتىن سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان بىر تۈركۈم كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1112619
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى  «گۇمانلىق» سۈرىيەلىكلەرنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى  ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكىگە سۈرىيە تەرەپتىن سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان بىر تۈركۈم كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «گولان تۆپىلىكىدىكى سۈرىيە چېگرا توساقلىرىغا يېقىن جايدا ئىسرائىلىيەگە سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان گۇمانلىق كىشىلەر ئوققا تۇتۇلدى.»

باياناتتا ئىسرائىلىيەگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە قانچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ قانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.  

باياناتتا مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى:«ئارمىيەمىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى قىلىنغان ھەر قانداق قىلمىشقا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە تەۋە گولان تۆپىلىكىنى 1967-يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە 2011-يىلى ئىچكى ئۇرۇش قوزغالغاندىن بۇيان سۈرىيە ۋە گولان تۆپىلىكلىرىدىن زېمىنلىرىغا راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان ھىزبۇللاھ كۈچلىرى ۋە ھاكىمىيەتكە تەۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر