سۇدان رۇس نېفىت شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى

سۇدان ھۆكۈمىتى رۇس شىركەتلىرى بىلەن نېفىت بۇرغۇلاش بازىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كېلىشتى.

1111026
سۇدان رۇس نېفىت شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان شەرقتىكى رايونلاردا نېفىت بۇرغۇلاش بازىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

سۇدان نېفىت، گاز ۋە مەدەن مىنىستىرى ئەزھەرى ئابدۇلقادىر بايانات بېرىپ، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن پورت سۇدان شەھىرىدە كۈندە تەخمىنەن 220 مىڭ ۋارىل نېفىت چىقىرىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىسمى،  نېفىت بۇرغۇلاش بازىسىغا كېتىدىغان چىقىم ۋە ئىشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ: #سۇدان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر