نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش ئىشتاب باشلىقى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش ئىشتاب باشلىقى ئالېكس بادېخ سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

1110662
نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش ئىشتاب باشلىقى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسى ئىبىكۇنلې دارامولا بايانات بېرىپ، تېخى يېقىندىلا دەم ئېلىشقا چىققان 61 ياشلىق سابىق باش ئىشتاب باشلىقى ئالېكس بادىخنىڭ پايتەختنىڭ كېفى ئابۇجا يولىدا كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئاپتوموبىلىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دارامولا، نېگىرىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئەبۇبەكىر سىددىق نامىدىن بادىخنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.

بادىخ، 2015 – 2016 – يىللىرى نېگىرىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

بادىخ قاتارلىق 17 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئۈستىدىن 2016 – يىلى مۇناسىۋەتسىز جايلارغا ھەربىي خىراجەت قىلىش ئەيىبلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر