ئازەزدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئازەز ناھىيە مەركىزىدىكى بىر دوختۇرخانىغا يېقىن جايدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1105613
ئازەزدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئازەز ناھىيە مەركىزىدىكى بىر دوختۇرخانىغا يېقىن جايدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئازەز ناھىيە مەركىزىدىكى ئازەز ئەھلى دوختۇرخانىسىغا يېقىن جايدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۇجۇمدا بىر پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 21 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان جىددىي ياردەم خادىملىرىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى دۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر