ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ب د ت ۋەكىلى بولۇش يولىدا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرتنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1102552
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ب د ت ۋەكىلى بولۇش يولىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەقتە يېقىندا بايانات ئېلان قىلىدىكەن. ھېسېر ناۋېرت نامزات كۆرسىتىلىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلىقى ۋەزىپىسىگە نىككى ھېيلى تەيىنلىنىدىكەن.

ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ «‹ Fox News › تېلېۋىزىيە قانىلى» دا پىروگرامما رىياسەتچىسى خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن ھېسېر ناۋېرت، ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.

دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتتىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى ئاياللاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان نىككى ھېيلى، 9 – ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەنگەن ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىسىنىڭ يىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر