ئىراندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاباھار شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1101500
ئىراندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاباھار شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتى تېررورچىلارنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەم دېگەندە 3 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى، چاباھار شەھىرىدىكى رىگى يولى بويىغا جايلاشقان ساقچى پونكىتىنىڭ يېنىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 3 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سىستان ۋە بېلۇجىستان ۋالىيسى مۇھەممەد ھادى ماراشى، «بۈگۈن ئەتىگەن چاباھاردىكىبىر ساقچى پونكىتىغا قىلىنغانھ ھۇجۇمدا كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھۇجۇمنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن سادىر قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #ئىران , #ھۇجۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر