ئېپىيوپىيەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامېن بولدى
ئېپىيوپىيەدە بىر مەكتەپ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.
1101017
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېپىيوپىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامھارا ئۆلكىسىنىڭ گوندان رايونىدىكى بىر مەكتەپ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقماستىن يەردىكى بىر قول بومبىسىغا دەسسەپ سېىلىشى نەتىجىسىدە پارتلاش مەيدانغا كەلدى، پارتلاشتا 2 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 6 سى يارىلاندى.
ئامھارا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىلىرىدىن ئېنيېۋې زېۋدىئېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.