نازارەت ئاستىدىكى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ موسكۋاغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

كەرچ بۇغۇزىدا رۇسىيەنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ نازارەت ئاستىدىكى 24 ھەربىي خادىمىنىڭ موسكۋاغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1097968
نازارەت ئاستىدىكى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ موسكۋاغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاسس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرىم كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى لۇدمىلا لۇبىنا بايانات بېرىپ، كەرچ بوغۇزىدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ نازارەت ئاستىدىكى ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقان.

لۇبىنا، ئەسكەرلەرنىڭ موسكۋادىكى بىر تۈرمىگە يوللانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بارلىق ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى موسكۋاغا ئەۋەتىلدى. سىمفېروپولدىكى تۈرمىدە بىرىمۇ قالمىدى» دېدى ۋە بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلىتىش ئۈچۈن، موسكۋا ۋە قىرىمدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەنگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

قارادېڭىزنىڭ كەرچ بوغۇزىغا يېقىن يېرىدە رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى  رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ (25 – نويابىردا) ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلغان، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 3 پاراخوتىدىكى 24 ھەربىينى نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.

قىرىمدىكى رۇسىيە مەھكىمىسى، ئۇكرائىنانىڭ 24 ئەسكىرىنىڭ 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

رۇسىيەدە، رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە 6 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر