ناتو ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇردى

ناتو ئۇكرائىنانىڭ ئازاق دېڭىزىغا ئۇرۇش پاراىوتلىرىنى ئەۋەتىش چاقىرىقىغا، «ناتو ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىزدا مۇقىم ھالدا چارلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى» جاۋابىنى بەردى.

1097603
ناتو ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باياناتچىسى ئوئانا لۇگېسجۇ ناتونىڭ رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان 2014-يىلدىن تارتىپ، قارا دېڭىزدىكى مەۋجۇتلۇقىنى مۇھىم دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ قارا دېڭىزدا مۇقىم ھالدا چارلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى (2018) قارا دېڭىزدا 80 كۈن تۇرغانلىقىنى، بۇ يىل (2019) بۇ ساننىڭ 120 كۈنگە چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى داۋاملىق كۆزدىن كەچۈرىمىز» دېدى.

25-نويابىر (يەكشەنبە) ئەتىگەندە ئازاق دېڭىزىدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ قارىمۇ قارشى كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئالدىنى توسقان ئىدى. 

ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئازاق دېڭىزىدىكى كېرچ بوغۇزى ئەتراپىدا رۇسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش قولۋىقىدىن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي پاراخوتىغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ئالتە ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى؛ پاراخوتلارنىڭ رۇسىيە ئالاھىدە قىسمى تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ناتوغا ئەزا 29 دۆلەت ئازاق دېڭىزىنىڭ كېرچ بوغۇزى رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن، رۇسىيەگە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ناتوغا رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرىدا يۈز بەرگەن يىرىكچىلىكتىن كېيىن، قىرىم ساھىللىرىدىكى ئازاق دېڭىزىغا ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر