ناتو باش كاتىپى، ئۇكرائىنا - رۇسىيە سۈركىلىشى توغرىسىدا توختالدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1095662
ناتو باش كاتىپى، ئۇكرائىنا - رۇسىيە سۈركىلىشى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو – ئۇكرائىنا كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ناتو بارلىق ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدۇ. رۇسىيەنى مۇسادىرە قىلغان ئۇكرائىنا پاراخوتى ۋە ئەسكەرلىرىنى ۋاقتىدا قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىنتايىن «جىددىي» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان يېنس ستولتېنبېرگ، «ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىغا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىلىشىنىڭ قانۇنلۇق بىر ئىزاھاتى يوقتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

25 – نويابىردا ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن مارىئۇپول پورتىغا قاراپ يولغا چىققان ئۇكرائىنانىڭ 3 ئۇرۇش پاراخوتى، رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئازاك دېڭىزىنىڭ كەرچ بوغۇزىغا يېقىن جايدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر