خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىنا - رۇسىيە سۈركىلىشى توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىردى

ئۇكرائىنانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋولوديمر يېلچېنكو، رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئېغىرلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

1095660
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىنا - رۇسىيە سۈركىلىشى توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېلچېنكو، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە – ئۇكرائىنا سۈركىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «رۇسىيەگە قارىتا ئېمبارگولار ئېغىرلاشتۇرۇلۇشى لازىم. بىردىنبىر بىر يول بۇ، چۈنكى رۇسىيە باشقا تىلنى چۈشەنمەيدۇ» دېدى.

رۇسىيە، ئازاك دېڭىزىدا ئۇكرائىنا بىلەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشتىن كېيىن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.

25 – نويابىردا ئازاك دېڭىزىدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ دۇقۇرۇشۇپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى، ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قوراللىق مۇداخىلە قىلغانىدى.

ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىقى، ئازاك دېڭىزىنىڭ كەرچ بوغۇزى ئەتراپىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى كېمىسىدىن ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 6 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، پاراخوتلارنىڭ رۇسىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ب د ت  رۇسىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن جىددىي يىغىن چاقىردى. بىراق، رۇسىيە «چېگرالىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان 15 ئەزالىق كېڭەشتە زۆرۈر بولغان 9 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، يىغىن «ئازاك دېڭىزىدىكى رۇسىيە – ئۇكرائىنا سوغۇقچىلىقى» دېگەن نام ئاستىدا چاقىرىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي،، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، پولشا ۋە شىۋېتسىيە نامىدىن سۆز قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە كېڭەشنىڭ رۇسىيەنىڭ قۇتراتقۇلۇقلىرىنى چېگراغا دەخلى قىلىش دېگەن نام ئاستىدا ئەمەس، مۇۋاپىق بىر كۈنتەرتىپ ماددىسى سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا بىپەرۋالارچە ھەرىكەت قىلىپ جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن نىككى ھېلېي، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كەرچ بوغۇزىدىن قانۇنلۇق ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر. بۇ نامۇۋاپىق ھەرىكەت، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشى ۋە قەتئىي قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى دىمىترىي پوليانىسكىي بولسا، ئۇكرائىنانى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، «بۇ قۇتراتقۇلۇقنىڭ ئالدىن پىلانلانغانلىقى ناھايىتى روشەن، بۇنى غەرب دۆلەتلىرى قوللىدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «ئۇكرائىنانىڭ خەتەرلىك ھەركەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى»نى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر