پاكىستاندا يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

بۇ پارتلاش تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى ۋەقە بولدى.

1092746
پاكىستاندا يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مەسئۇللىرىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى خەيبەر پاختونخا ئۆلكىسىنىڭ باجۇر رايونىدا، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئۆتىۋاتقان پەيتتە پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار ۋەقەدىن كېيىن ئافغانىستان پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىك چەمبىرى ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ پارتلاش تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى ۋەقە بولدى.

بېلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا جايلاشقان چامان رايونىدىمۇ بىر جامەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، جامەنىڭ ئىمامىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 10 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

پارتلاش يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ ئىككى رايون دائىم دېگۈدەك تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر