كامېرۇندا بىر تۈركۈم قوراللىق كىشى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

كامېرۇندا بىر تۈركۈم قوراللىق كىشى 79 ئوقۇغۇچى بىلەن 3 خادىمنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

1082247
كامېرۇندا بىر تۈركۈم قوراللىق كىشى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرۇندا بىر مىسسىئونېر مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلغان سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر 11 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 79 ئوقۇغۇچى بىلەن 3 خادىمنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

كامېرۇننىڭ ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىغان غەربىي شىمال رايونىدا بىر خىرىستىيان پرېسبىتېريېن مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلىپ بىر تۈركۈم قوراللىق كىشى ، 11 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 79 ئوقۇغۇچى بىلەن 3 مەكتەپ خادىمىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ قېچىپ كەتتى.

گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يەكشەنبە كېچە مەيدانغا كەلدى.

ئۆزلىرىنى «ئامبا يىگىتلىرى»دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇھ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ۋەقە توغرۇلۇق بىر ۋىدېئو ئېلان قىلدى، ۋىدېئودا گۆرۈگە ئېلىنغان بالىلار ئۆز ئىسىم- فامىلىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالىدۇ، بالىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان قوراللىق گۇرۇھلار بولسا بۇ بالىلارنىڭ «كۈرەش ئاخىرلاشقاندا»قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى دېيىشىدۇ.

بۇ ۋىدېئونىڭ ھەققىي ياكى ئەمەسلىكى ھازىرغىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى، لېكىن بەزى ئائىلىلەر بۇ ۋىدېئودىكى ئۆز بالىلىرىنى تونىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

«< Deutsche Welle>  تۈركچە خەۋەر» تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، كامېرۇندىكى پرېسبىتېريېن چېركاۋىنىڭ باش پوپى سامۇئېل فونكى فوربا، بالىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان قوراللىق گۇرۇھنىڭ ھازىرغىچە پۇل تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، لېكىن مەكتەپنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىلا تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر