ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەميس ماتتىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1080909
ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئاقار بىلەن ماتتىسنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە – ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ «مۇنبىچ رايونى» دىكى ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ، چېگرا لىنىيەلىرىدە سۈركىلىشنى ئازايتىش، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جۇزېف دۇنفورد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ «مۇنبىچ رايونىدا ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان «مۇنبىچ  رايونى» غا ئالاقىدار پىلان دائىرىسىدە، رايوندا ئۇدا 60 قېتىم نۆۋەت بىلەن چارلاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم ئورتاق چارلاش  ئېلىپ بارغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، «مۇنبىچ رايونى» تېررورچىلاردىن تازىلانغاندىن كېيىن، ئۆز خەلقىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر