ئامېرىكا سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىككىنچى بىر مۇساپىرلار توپلۇقىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1078498
ئامېرىكا سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس، سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىككىنچى بىر مۇساپىرلار توپلۇقىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىداسۆز قىلغان ماتتىس، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ:مۇشۇ كەمگىچە نۇرغۇن مۇساپىر لاگېرىنى كېزىپ چىقتىم، مەسىلەن بوسنىيە مۇساپىرلار لاگېرىنى كۆردۈم، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى مۇساپىرلار لاگېرىنى كۆردۈم، لېكىن سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا بولغان بىرمۇ مۇساپىرلار توپلۇقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. رۇسىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىنى كاجلىق قىلىپ ۋېتو قىلمىغان بولسا ئىدى، ھازىرقىدەك ئەھۋال يۈز بەرمىگەن بولاتتى، دېدى.

رۇسيە بىلەن ئىران بەششار ئەسەدنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ كەلمىگەن بولسا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاغدۇرۇلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ماتتىس سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئەسەد ھامان بىر كۈنى ھاكىمىيەتتىن چۈشىدۇ. سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھىمايەسى ئاستىدىكى ھەر قانداق بىر سايلام مەيلى سۈرىيە خەلقى تەرىپىدىن بولسۇن مەيلى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بولسۇن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.»

ئىراننىڭ  لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىراقتا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماتتىس، ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ ئىراق ئارمىيەسىنى ئىراقنى مۇھاپىزەت قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماتتىس ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە نوپۇز تىكلەش ۋە ئىراقنى ئۆزىگە قەلئە قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىران خەلقىگە نسىبەتەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. ئىران بۇ غەرىزىگە يېتەلمەيدۇ، دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ماتتىس، ئافغانىستاندا ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا مىڭ ئەتراپىدا ئافغان ئەسكىرىنىڭ تالىبان ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر جېيمىس ماتتىسنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئافغان ئارمىيەسى سېپىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ زور يوقىتىش توغرۇلۇق بەرگەن تۇنجى قېتىملىق باياناتى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر