كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1078690
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناجىب دانىش، بىر ھۇجۇمنىڭ كابۇلنىڭ پۇلى چارخى تۈرمىسىگە يېقىن جايدىن ئۆتۈۋاتقان تۈرمە خادىملىرى ئاپتوموبىلىغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى، ۋەقەدە 7 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 8 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرچە ھېچقانداق بىر تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.