ترامپ: قاشىقجى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە تۈركىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىۋاتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1066516
ترامپ: قاشىقجى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە تۈركىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ، ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم بايانات بەردى؛ 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىزدېرىكى قىلىنالمىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى جەمال قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «بۇ تولىمۇ ناچار بىر ئەھۋال» دېدى ۋە سەئۇدى ئەمەلدارلاردىن جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

دونالد ترامپ، ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن «ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «جەمال قاشىقجىنىڭ لايىقىنى ئاقسارايدا كۆرۈشنى خالايمەن» دېدى.

ترامپ، قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك دېلونىڭ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، سەئۇدى ژۇرنالىستنىڭ كونسۇلخانىغا كىرگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى، بىراق، چىققانلىقىنىڭ ئىسپاتلىنالمىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

جەمال قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەدە تۈركىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ترامپ، بۇ مەسىلىنى ئاداققىچە تەقىب قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر