ئامېرىكا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە يەنە بىر كېلىشىمنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، ئىران بىلەن 1955 – يىلى ئىمزالانغان «دوستلۇق، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە كونسۇلخانا قانۇنى» كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1062020
ئامېرىكا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە يەنە بىر كېلىشىمنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېئو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران بىلەن 1955 – يىلى ئىمزالانغان <دوستلۇق، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە كونسۇلخانا قانۇنى> كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايمەن. بۇ روشەن ھالدا 39 يىل كېچىككەن بىر قاراردۇر» دېدى.

پومپېئو بايانات بېرىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ب د ت خەلقئارا ئادالەت دىۋانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلغان ئىنسانپەرۋەر ياردەم ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئىران بولسا، ئىنقىلابتىن ئىلگىرى ئىمزالانغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار <دوستلۇق، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە كونسۇلخانا قانۇنى> نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا ئادالەت دىۋانىغا ئەرز سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر