زىياد ئەن نەھالە پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىبلىقىغا سايلاندى

پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىگە زىياد ئەن نەھالە سايلاندى.

1058834
زىياد ئەن نەھالە پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىبلىقىغا سايلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى باياناتچىسى داۋۇد شىباھ غەززەنىڭ شەرقىي چېگراسىدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەشكىلاتىنىڭ زىياد ئەن ناھەلىنى رامازان ئابدۇللاھ شاللاھنىڭ ئىز باسارى سۈپىتىدە سايلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

داۋۇد شىباھ سىياسىي ئىشلار باشقارمىسىغا ئەكرەم ئەجۇرى، مۇھەممەد ھىندى، يۈسۈف ئەل ھاسايىنە، ۋەلىد قاتاتى، مۇھەممەد ھامىد، ئەنۋەر ئەبۇ تاھا، ئابدۇلئەزىز ئەل مىناۋى، نافىز ئاززام ۋە خالىد ئەل باتاشنىڭ سايلانغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇردى.

بەزى ئەزالارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بولسا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى جايلاردا، غەربىي قىرغاقتا، قۇددۇستا ۋە تۈرمىدە بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىكى يۈزىسىدىن ئېلان قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان داۋۇد شىباھ، سايلاملارنىڭ ئادىل بىر رىقابەت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىگە 1995يىلىدىن بۇيان رامازان ئابدۇللاھ شاللاھ رەھبەرلىك قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

رامازان ئابدۇللاھ شاللاھ لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا بەزى خەۋەرلەر چىققان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى تەرىپىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ يۈرەك ئوپىراتسىيەسى قىلىنغانلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ تىببىي نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر