ماتتىس ئىران ۋە ۋېنېزېئېلاغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، ئوتتۇرا شەرقتە «ئىراننىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن» بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش نۇقتىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1057794
ماتتىس ئىران ۋە ۋېنېزېئېلاغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېيمس ماتتىس، رۇمېنىيە مۇداپىئە مىنىستىرى مىخائىل ۋىئورېل فىفور بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ <ئىرانغا دوزاخنى كۆرسىتىمىز> دېگەن سۆزلىرىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىنكى، ۋاشىنگتوننىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغان – بولمىغانلىقىغا دائىر سوئالىغا «بۇ ھۆكۈمەت، ئوتتۇرا شەرقتە ئىراننىڭ ناچارلىقلىرى تۈپەيلى بەدەل تۆلىگەن بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش نۇقتىدىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يەمەندىن لىۋانغىچە، (ھەتتا سۈرىيەدە) ئەسەدنى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇتۇپ تۇرۇشقىچە بولغان بارلىق ئىشلارغا ئۇلار (ئىران) سەۋەب بولدى. ئۇ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ جاۋابكارلىرى دەل ئۇلاردۇر. شۇڭا، بۇ تەلۋىلەرچە پوزىتسىيە داۋاملىشىدىغانلا بولسا، بۇ ھۆكۈمەت ۋە بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ پوزىتسىيەسىدە ھەرگىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكىلىق مىنىستىر يەنە، ۋېنېزۇئېلاغا ئۇرۇش ئېچىش پىلانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، دۆلىتىنىڭ رايونغا بىر دوختۇرخانا پاراخوتى يوللاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ۋېنېزۇئېلاغا ئۇرۇش ئېچىش پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى ئالمىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «ئەسلىدە بىر پىلانىمىز بار. ئۇ يەرگە بىر دوختۇرخانا پاراخوتى ئەۋەتىمىز» دېدى.

جېيمس ماتتىسنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈنۈگۈنكى سۆزلىرىنىڭ ئىچىنى كاۋاكشىتىپ قويغانلىقىغا دائىر ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

دونالد ترامپ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ۋېنېزۇئېلاغا ئالاقىدار بارلىق تاللاش يوللىرىنىڭ «ئۈستەل ئۈستىدە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر