ب د ت تۇنجى قېتىم «چىرىكلىك ۋە توقۇنۇش»تېمىسى بويىچە يىغىن چاقىردى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۇنجى قېتىم «چىرىكلىك ۋە توقۇنۇش»تېمىسى بويىچە يىغىن چاقىردى.

1047003
ب د ت تۇنجى قېتىم «چىرىكلىك ۋە توقۇنۇش»تېمىسى بويىچە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «چىرىكلىك ۋە توقۇنۇش»تېمىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس دۇنيا مىقىياسىدا  چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ چىقىمىنىڭ ئەڭ ئاز 2 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

گۇتېررېس چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ توقۇنۇشلارنى قوزغىتىدىغانلىقىنى، توقۇنۇشلار ئۇلغايغانسېرى چىرىكلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ باي، نامرات ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بارلىقىنى ئېيتقان گۇتېررېس مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرىنىڭ تەخمىنىگە قارىغاندا چىرىكلىكنىڭ چىقىمى ئەڭ ئاز 2 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %5نى تەشكىل قىلىدىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارخانىلار ۋە شەخسلەر ھەر يىلى 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا بېرىدىكەن. »

چىرىكلىكنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان گۇتېررېس، بۇ قىلمىشنىڭ مۇقىمسىزلىق، زوراۋنلىق، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قانۇنسىز قورال سودىسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ۋە تېررورىزىمغا يانتاياق بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىم «چىرىكلىك ۋە توقۇنۇشلار»تېمىسى بويىچە يىغىن چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چىرىكلىكنىڭ مۇقىمسىزلىق، زوراۋانلىق ۋە تېررورىزىمنى ئۇلغايتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر يىلى مىليونلارچە دوللار سەرپ  قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيا مىقىياسىدا چىرىكلىك قىلمىشى ئەڭ ئاز يۈز بېرىدىغان 10دۆلەتتىن 9نىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھالېي، ب د ت نى چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە كۆپ ۋاقىتلاردا سەل قاراپ كېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ھالېي ۋېنېزۇئېلا، نىكاراگۇئا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىران ھۆكۈمەتلىرىنى چىرىكلىك قىلىش ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر