ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىدلىب توغرىسىدا توپلىنىدۇ

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىدلىب ۋەزىيىتى بىلەن تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران رەھبەرلىرىنىڭ تېھراندا ئاچقان يىغىننىڭ نەتىجىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلىنىدۇ.

1047103
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىدلىب توغرىسىدا توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ دىپلوماتىك مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن توپلىنىشنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن (11-سېنتەبىر) شۇ يەر ۋاقتى 11:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:00 دە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تېھراندا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلىنىدۇ.

ب د ت نىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىب ھەمدە ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھاما ۋىلايەتلىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، يېقىنقى بىر ھەپتىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ئۆكتىچىلەر ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىدلىب ھەمدە ئەتراپىدىكى بەزى رايونلار، 2017-يىل 4-5-ماي كۈنلىرى ئېچىلغان ئاستانا يىغىنىدا «توقۇنۇشماسلىق رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىراق، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيە پات-پات ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر