ئامېرىكىنى جەنۇبىي ئاسىيادا ئېغىر كۈنلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى جەنۇبىي ئاسىيادا ئېغىر كۈنلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1045905
ئامېرىكىنى جەنۇبىي ئاسىيادا ئېغىر كۈنلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسسلىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورنىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستان زىيارەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلدى.

مۇتەخەسىسسلەر، رايوندىكى تەسىرىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمىغان ۋاشىنگتوننىڭ، ياراشتۇرغۇچى تىل ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇتەخەسىسسلەر، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ھىندىستان بىلەن شېرىكچىلىك ئورنىتىشىنىڭ بىر تاللاش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاقساراينىڭ، پاكىستاننىڭ بېيجىڭنىڭ ھىمايىسىگە كىرىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى؛ ھىندىستاننىڭمۇ ئىراندىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشىدىن بىئارام ھېس قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

مۇتەخەسىسسلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاشىنگتون، پاكىستان ۋە ھىندىستانغا ئالاقىدار بۇرۇنقى پوزىتسىيەلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان.

مۇتەخەسىسسلەر يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاسىيادا چەتكە قېقىلىشىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن سەلبىي تەسىرى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر