ئامېرىكا ۋەكىلى: بەششار ئەسەدنىڭ خىمىيەلىك ھۇجۇم قوزغىشىغا ئالاقىدار دەلىللەر بار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېففرېي سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا خىمىيەلىك ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1045377
ئامېرىكا ۋەكىلى: بەششار ئەسەدنىڭ خىمىيەلىك ھۇجۇم قوزغىشىغا ئالاقىدار دەلىللەر بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېففرېي ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبكە خىمىيەلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىل – ئىسپاتلار بار. شۇڭا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرلىكتە كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا تېگىشلىك  ۋاقىت يېتىپ كەلدى.»

بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن جېففرېي، بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلغانغا قەدەر سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان جېففرېي، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئۆزىنى دائېشنى يوقىتىشقا مەسئۇل قىلغانلىقىنى، دائېشنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر