ئىران: ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى مۇۋەققەت ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تېھرانغا قارشى سۇيىئىستېمال قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1044590
ئىران: ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى مۇۋەققەت ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 26 – سېنتەبىردە چاقىلىرىدىغان يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپ ماددىسى ئىراننى مەركەز قىلىدۇ.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بولسا، ئۇ يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىدۇ. بىراق، خەلقئارادىكى دىپلوماتىك مەنبەلەر، رۇھانىنىڭ ئومۇمىي كېڭەشتىكى سۆزىنى ترامپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان كۈندە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى، 190 دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا بارغان ئەسنادا يىغىن چاقىرىپ، تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى ئىرانغا بۇراشنى كۆزلىمەكتە.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ترامپنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئىرانغا قارشى سۇيىئېستىمال قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2014 – يىلى باراك ئوباما خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە خىتاب قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر