ئامېرىكا زالماي خەلىلزادنى ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىئو كابۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچى زالماي خەلىلزادنى ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى.

1043819
ئامېرىكا زالماي خەلىلزادنى ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپىئو ئامېرىكىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى زالماي خەلىلزاد بىلەن بىرگە پاكىستان ۋە ھىندىستان زىيارەتلىرى جەريانىدا، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى گىئورگى دابلىيو بوش دەۋرىدە كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ۋە پېنسىيەگە چىققان دېپلوماتنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئالاھىدە ۋەكىللىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى زالماي خەلىلزاد ئامېرىكىنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەلچىسى بولۇش ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتىگەن بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن 4شەخسكە ئايلاندى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىراين ھۇكنى ئىران ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە، جامېس جېفرىنى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە ۋە ستېفېن بېگۈننى شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر