ترامپ: ئامېرىكا ئارگېنتىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئارگېنتىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1043584
ترامپ: ئامېرىكا ئارگېنتىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقساراينىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى مائۇرىئو ماكرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىس ھەم قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئارگېنتىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئارگېنتىنا ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىرتىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشىدۇر. پىرېزىدېنت ماكرى ئارگېنتىنا ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىن قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ناھايىتى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. پىرېزىدېنت ماكرىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئىشىنىمەن ھەمدە ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە سىياسەتلىرىگە ئاساسەن  مەۋجۇت ئىقتىسادىي كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى  قىزغىن قوللايمەن.»

بىرازىلىيە ۋە مېكسىكىدىن كېيىن لاتىن ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ ھېسابلىنىدىغان ئارگېنتىنا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان مىللىي پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن، ماي ئېيىدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغانىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئارگېنتىنانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن دۆلەتكە 50 مىليارد دوللارلىق قەرز بېرىش مەزمۇن قىلىنغان 3 يىللىق كېلىشىمنى ئىيۇن ئېيىدا ماقۇللىغانىدى. بۇ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغىچە بېرىپ كەلگەن ئەڭ كۆپ مىقداردىكى قەرز بولۇپ، ئارگېنتىنانىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن 1956 – يىلدىن بۇيان تۈزگەن 39 كېلىشىمنىڭ ئاخىرقىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا ئەڭ كۆپ ئىلتىماس سۇنغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ئارگېنتىنا، تەشكىلاتتىن ئاخىرقى قېتىم 2000 – يىلى 40 مىليارد دوللار قەرز ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر