ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باياناتىدىن خۇرسەن بولدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ باياناتىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1041916
ئامېرىكا  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باياناتىدىن خۇرسەن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى قوماندانلىقىنىڭ، يەمەننىڭ سادا ۋىلايىتىدە سادىر بولغان ھۇجۇمدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىدىن جاۋابكار كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بېرىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت بۇ ھەقتە يازما بايانات بەردى.

باياناتچى ناۋۇرت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناۋۇرت باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يەمەندىكى بارلىق تەرەپلەرنى ئۇرۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز. پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلار ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە دەپسەندىچىلىك قىلغانلار قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىم. يەمەن خەلقىنىڭ تېخىمۇ زىيان تارتماسلىقى ئۈچۈن تەرەپلەر سىياسىي چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گىرىففىتىسنى قوللايمىز. بارلىق تەرەپلەر مۇقىم ۋە تىنچ بىر يەمەن دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىشى لازىم.»

يەمەندە ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى باھالاش كومىتېتى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى قوبۇل قىلدى.  

خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى 9-ئاۋغۇستتا يەمەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان سادا ۋىلايىتىدە بالىلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتۇبۇسقا قىلىنغان ھۇجۇمدا 51 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 79 ئادەم يارىلانغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 40نىڭ بالا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ئابدۇسالام، سادا ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى باياناتچىسى ئوفىستېر تۈركى ئەل مالىكى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جازان شەھىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن سادا ۋىلايىتىگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر