ئىران: ئامېرىكا ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ بېسىم ئىشلەتمەكتە

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ بېسىم ئىشلىتىشتىن يالتايمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1040103
ئىران: ئامېرىكا ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ بېسىم ئىشلەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرناغا بايانات بېرىپ، «ئامېرىكىلىقلار بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشىش مەسىلىسىدە چەك – چېگراسى يوقلۇقىنى نامايان قىلدى. ھەتتا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ بۇ بېسىملاردىن يىراق تۇتمىدى» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپداشلىرى بولغان تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ئىشەنچلىك بىر شېرىك ئەمەسلىكى پىكرىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

زەرىف، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى دۆلەتلەرگە يۈرگۈزگەن بېسىملىرى قىسقا مەزگىللىك تەسىرلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، بۇ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر