ئامېرىكا: يېقىندا مۇنبىچتە تۈركىيە بىلەن ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلايمىز

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىس سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇ رايونلاردىكى ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1039798
ئامېرىكا: يېقىندا مۇنبىچتە تۈركىيە بىلەن ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىس ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوزېف دۇنفورد بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئەنقەرە بىلەن كۆپلىگەن مەسىلىلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە تۈنۈگۈنمۇ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ناھايىتى سەمىمىي مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردۇق. مۇنبىچنىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. مەشق ئەسلىھەلىرى ئەنقەرەگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى. تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغۇسى چارلاش پائالىيەتلىرىنى مۇمكىن قىلىدىغان باسقۇچقا يېقىنلىشىۋاتىمىز. يېقىندا بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارىمىز، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل. بۇنداق مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ قارار تۈركىيەگە ئائىت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفوردمۇ مۇنبىچتە ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ يېقىندا باشلىنىشى ئۈچۈن تەيييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر