خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يەنە بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلىدى

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.

1036450
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يەنە بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا 2قېتىملىق قوشۇمچە تامۇژنا بېجىنى رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلىدى.

بۇ قېتىم خىتايدىن كەلگەن 16 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلاردىن %25 قوشۇمچە تامۇژنا بېجى ئېلىش يولغا قويۇلدى.

خىتايمۇ ئامېرىكىغا قارشى ئوخشاش قىممەتتىكى مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش نىسبەتتە قوشۇمچە تامۇژنا بېجى يولغا قويۇپ جاۋاپ قايتۇردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ مەسىلىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتايدىن كەلگەن 34 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتقا قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويۇشنى باشلىغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر