يەمەن ئىنسان ھەقلىرى مىنىستىرلىقى ب د ت نى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

يەمەن ئىنسان ھەقلىرى مىنىستىرلىقى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنى ئىشخانىسىنى سەنئاندىن ئادەنگە يۆتكەشكە چاقىردى.

1030632
يەمەن ئىنسان ھەقلىرى مىنىستىرلىقى ب د ت نى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئىنسان ھەقلىرى مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنى سەنئادىن ۋاقىتىلق پايتەخت ئادەنگە يۆتكەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يەمەن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسان ھەقلىرى مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق كومىسسارلىقلار ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىشخانىلىرىنىڭ شىئە ھۇسىيلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى سەنئادا قېلىشىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان.

شىئە ھۇسىيلارنىڭ سەنئادا ب د ت ۋە باشقا تەشكىلات خادىملىرىنىڭ ۋەزىپلىرىنى ئادا قىلىشغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تەشكىلاتلارنىڭ سەنئادا داۋاملىق قېلىشىنىڭ ئىنسانىي ۋە قانۇنىي پائالىيەتلەرنى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا ئىنسان ھەقلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەخت ئادەندە ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن شارائىت بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شىئە ھۇسىيلارنىڭ سەنئادا ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرىنىڭ نازارەت ئاستىدىكىلەرنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىمۇ بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە،  خەلقئارا تەشكىلاتلار تۈرمىلەردىكى قىيىن-قىستاقلارنى چەكلەش ۋە قوراللىق توقۇنۇشلارغا بالىلارنى قاتناشتۇرماسلىق مەسىلىسىدە شىئە ھۇسىيلارغا يېتەرلىك بېسىملارنى ئىشلىتەلمەسلىك بىلەن ئەيىبلەندى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىقلارغا سەھنە بولىۋاتقان يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان شىئە ھۇسىيلار، 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنىڭ تىزگىنىنى چاڭگىلىدا تۇتماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر