سەئۇدى ئەرەبىستان كانادادىن ئارپا ۋە بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك كىرىزىس تۈپەيلى كانادادىن ئارپا ۋە بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى.

1028406
سەئۇدى ئەرەبىستان كانادادىن ئارپا ۋە بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان دانلىق مەھسۇلاتلار ئورگىنى دانلىق مەھسۇلات ئېكسپورتچىلىرىغا رەسمىي ھۆججەت چۈشۈرۈپ، «كانادادىن ئارپا ۋە بۇغداي سېتىۋېلىشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى» نى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ھۆججەتتە، «سەئۇدى ئەرەبىستان دانلىق مەھسۇلاتلار ئورگىنى 2018 – يىلى 7 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ، كانادادا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداي ۋە ئارپا ئىمپورتىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كانادا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ئىستاتىستىكا ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كانادا قاتتىق بۇغدايدىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانغا 2017 – يىلى 66 مىڭ توننا بۇغداي، 132 مىڭ توننا ئارپا ساتقان.

سەئۇدى ئەرەبىستان دانلىق مەھسۇلاتلار ئورگىنىنىڭ 625 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىش ئۈچۈن 16 – ئىيۇلدا ئاچقان خەلقئارالىق ھۆددىگەرلەر تىزىملىكىدە كانادا كۈچلۈك ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.

كانادانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا قارىتا ئېلان قىلغان باياناتلىرى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.

كانادانىڭ پوزىتسىيەسىگە «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» دەپ باھا بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئالدىنقى كۈنى كانادانىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى خالانمىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 24 سائەت مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ۋە كانادا بىلەن بولغان بارلىق سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، كانادا بىلەن مائارىپ، ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتى ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىلانلىرىنىڭمۇ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رىياد دائىرىلىرى يەنە، بۇ دائىرىدىكى قارارلارغا ئىلاۋەتەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 13 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستىا فرىلاند، رىياد باش ئەلچىسىنىڭ خالانمىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان مېدىيا ئورگىنى بلۇمبېرگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2006 – يىلىدىن بۇيانقى كانادا شىركەتلىرىدىكى سېلىنمىسى 6 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر