سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كانادا ئارىسىدا كىرىزىس كېلىپ چىقتى

سەئۇدى ئەرەبىستان كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

1026301
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كانادا ئارىسىدا كىرىزىس كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان كانادا ئەلچىسىنى «خالانمىغان كىشى»ئېلان قىلىپ، 24 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە مۆھلەت بېرىش بىلەن بىرگە، كانادا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىمۇ توڭلىتىپ قويدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بەزى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا قارىتا كانادا ھۆكۈمىىتى نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى، بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس پەيدا قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كانادانىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى دېننىس ھوراكنىڭ «خالانمىغان كىشى»ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە چېگرادىن 24 سائەت ئىچىدە چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

كانادا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە سېلىنمىلارنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستىيا فىرېلەند ۋە كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان پائالىيەتچىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشىغا قارىتا نارازىلىق مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

كانادانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئوچۇق ئارىلىشىش بولىدىغانلىقى»ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «كانادانىڭ باياناتىدىكى <دەرھال قويۇپ بېرىلسۇن>دېگەن ئىبارە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە تولىمۇ ئېغىر ۋە ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىبارىلەردىن بىرىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى تارىختىن بېرى ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىدىغان ئىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قارشى تۇرىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز كانادانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق دەپ قارايدۇ، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا دەخلى بولىدىغان بۇ ئىشقا تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇرىمىز.»

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرېلەند، 2-ئاۋغۇستتا تۋىتتېر ئادرېسىدا مۇنداق مەزمۇندا ئۇچۇر يازغانىدى: «رايىف بەدەۋىنىڭ سىڭلىسى سەمەر بەدەۋىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، كانادا بەدەۋى ئائىلىسىنى بۇنداق قىيىن كۈنلەردە يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، سەمەر بەدەۋى قويۇپ بېرىلگۈچە دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

بۇنىڭدىن باشقا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسىدىن 3-ئاۋغۇستتا تارقىتىلغان ئۇچۇردىمۇ مۇنداق دېيىلگەنىدى: «كانادا ھۆكۈمىتى  سەمەر بەدەۋى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن تولىمۇ بىئارام بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى  بۇ ئىنسانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر